باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

«مەركەزنىڭ باشقۇرۇشىدىكى 31 ئالىي مەكتەپ پارتكومىنى كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلات» قاراپ چىقىلدى

2017.06.29 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 28-ئىيۇن يىغىن ئېچىپ، «مەركەزنىڭ باشقۇرۇشىدىكى 31 ئالىي مەكتەپ پارتكومىنى كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلات»قا قاراپ چىقتى. يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىش ئەمەلىيىتى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. «كۆزىتىش شەمشىرى» بەش يىل تاۋلىنىپ، قۇدرىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتىگە ئايلاندى. بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، تەشكىلىي تۈزۈم، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ماركسىزمنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە راۋاجلاندۇرىدىغان مۇھىم بازا. كۆزىتىشتە مەركەزنىڭ باشقۇرۇشىدىكى 31 ئالىي مەكتەپنىڭ سىياسىي ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىلىپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتىكى رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشتا، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپقا دائىر فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى قوغدىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمى، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كۆزىتىش- تۈزەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان ئوقۇتۇش-ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت مەدىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر