باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2017.06.29 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2017-يىلىدىن باشلاپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى خامچوتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېسەل تۈرىگە قاراپ ھەق تۆلەش ئاساس قىلىنغان كۆپ مەنبەلىك بىرىكمە شەكىلدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى بارلىق داۋلاش ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنى قاپلاپ، تۈر بويىچە ھەق تۆلەش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ___ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش ۋە داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا، داۋالاش مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى تەڭشەش، داۋالاش بايلىقىنى تەقسىملەشكە يېتەكچلىك قىلىشتىكى مۇھىم پىشاڭ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جايلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن نامۇۋاپىق چىقىم قىلىشنى كونترول قىلىش جەھەتلەردە پائال نەتىجىگە ئېرىشتى، لېكىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدىكى تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ئېھتىياجلىقلار ئىككى تەرەپ بولۇپمۇ تەمىنلىگۈچىلەرنى يېتەكلەش-چەكلەش رولى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلمىدى. سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش، داۋالاش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، داۋالاش ھەققىنى نامۇۋاپىق ئۆستۈرۈشنى كونترول قىلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى ئاساسىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر