سۈرەتتە: 28- ئىيۇن، بەزى ئايال يولۇچىلار ئاياللار ۋاگونىغا چىقماقتا ۋە چۈشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، گۇاڭجۇ مېتروسى ئالدى بىلەن مېترو 1 ـ لىنىيەسىدە نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ئاياللار ۋاگونى تەسىس قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت كۈنىدە سائەت 7:30دىن 9:30، 17:00دىن 19:00غىچە بولغان ئارىلىقتا (ھېيت - بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يولغا قويۇلمايدىكەن)، 1-لىنىيە گۇاڭجۇ شەرقىي ۋوگزالى تەرەپكە قاتنايدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاگون ۋە شىلاڭ تەرەپكە قاتنايدىغان بىرىنچى ۋاگونى ئاياللار ۋاگونى قىلىپ تەسىس قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى