باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.06.29 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىق ۋەقەسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى 28-ئىيۇن قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كومپيۇتېرلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بەش تەكلىپ بەرگەن: قوللىنىشچان پىروگراممىلار ۋە مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەڭ يېڭى نۇسخىغا يېڭىلاش؛ سانلىق مەلۇماتلارنى زاپاسلاش؛ بىخەتەرلىك سايمانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىنى مۇداپىئە قىلىش؛ كۈندىلىك كەسىپلەردە باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە بولغان ئىسچوتنى ئىشلەتمەسلىك؛ گۇمانلىق قوشۇمچە ھۆججەت ياكى ئۇلانمىلارنى چەكمەسلىك لازىم.

  ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: قارشى تەرەپكە پۇل ئەۋەتمەسلىك؛ شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپكە دېلو مەلۇم قىلىش؛ ئالاقە تورىدىن ئۈزۈۋېتىش لازىم.

  خەۋەرگە قارىغاندا، 27-ئىيۇندىن بۇيان، نۇرغۇن مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە سودا سىستېمىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى جىددىي ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى يېقىندىن نازارەت قىلدى.

  27-ئىيۇن، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ تورلىرى 5-ئايدا يۈز بەرگەن «يىغلىغۇم كەلدى» ناملىق قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسىدىنمۇ تېز تارقىلىدىغان Petya قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسىنىڭ تۈرى ئۆزگەرگەن ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ياۋروپا رايونىدىكى كۆپلىگەن دۆلەت تەسىرگە ئۇچرىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر