باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ سابىق كۆزەتكۈچىسى پولات ئۆمەر

2017.06.29 15:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر ئەۋلاد رەھبەرلىرى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سىڭدۈردى. بىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلار ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  بىز ھەر بىر شىنجاڭلىق قايسى مىللەتتىن بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، پەقەت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەڭگۈ تايانچىسى ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشمىز كېرەك.

  لېكىن، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، ئىنتايىن قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى پەيدا قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ، كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ھەم كىشىلەرنى سەگىتتى. ئۇلار ئەڭ ئەشەددىي زوراۋان، دۆلەتنىڭ دۈشمىنى، مىللەتنىڭ مۇناپىقلىرى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى، ئۇيغۇرلار «ئۈچ خىل كۈچ» تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلسە، ئۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ.

  پارتىيە ئۇزاقتىن بۇيان تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم پەيتىدە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە «تۆت ئاڭ»، «بەشنى تونۇش»نى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن؛ مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان خاتا گەپ- سۆزلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئاڭلىقلىقىمنى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا، دىلىم بىلەن تىلىمنى، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى ۋە قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن؛ ئۆزۈمنىڭ نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى خاتا ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلارنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»گە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى ۋە ئۈلگىسى بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ دوستانىلىقى، ئۆزئارا ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر