باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىپروس مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى شىۋېتسارىيەدە باشلاندى

2017.06.29 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماسلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىپروس مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى تۈنۈگۈن شىۋېتسارىيىنىڭ ئالپىس تاغلىق رايونىدىكى كىچىك بازار كىلاڭ موندانادا باشلاندى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سىپروس مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئىسپېن ئەيدى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى تۈنجى قېتىملىق ئومۇمى يىغىن بىر ياخشى ئىجابىي باشلىنىش بولدى. كىشىلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتى بىلەن يىغىنغا قاتناشقانلىقىغا ئىشەنچىسى بار.

  سىپروس زۇڭتۇڭى، گىرىكلارنىڭ رەھبىرى ئاناستاشياجىس بىلەن سىپروستىكى تۈركلەرنىڭ رەھبىرى ئاكېنجى، تۈركىيە، گىرىتسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە ئەنگلىيە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى تۈنۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر