باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي ساقچىلىرى «يولۇچىلار ئايروپىلانىغا تەڭگە پۇل تاشلىغان موماي» بەش كۈن توختىتىپ قويۇلىدۇ، لېكىن ئىجرا قىلىنمايدۇ، دېدى

2017.06.29 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «موماي تىلەك تىلەش ئۈچۈن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ موتورى ئىچىگە تەڭگە تاشلىغان» دېگەن خەۋەر يېقىندا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە ئىدارىسى ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، شاڭخەي ساقچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ يولۇچى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن بەش كۈن توختىتىپ قويۇلدى، لېكىن ئۇ 70 ياشتىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، توختىتىپ قويۇش ئىجرا قىلىنمىدى.

  27-ئىيۇن سائەت 12 دە، بىر يولۇچى پۇدۇڭ ئايرودورۇمىدىن ئايروپىلانغا چىقىۋېتىپ، يولۇچىلار شوتىسىدىن سىرتقا تەڭگە ئاتقان، ئايروپىلانغا بىللە چىقىۋاتقان يولۇچى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغاندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلىنغان. شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خەلقئارا ئايروپورت شۆبە ئىدارىسى ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋەقەگە چېتىشلىق يولۇچى چيۇ فامىلىلىك ئايال (80 ياش، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ۋە روھىي كېسەللىك تارىخى يوق) ئۆزىنىڭ تەڭگە تاشلىغانلىقى سەپىرىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كېيىن چيۇ فامىلىلىكنىڭ قوشنىسىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، چيۇ فامىلىلىك بۇ ئايال بۇددا مۇخلىسى ئىكەن. ئايروپورت جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋەقەگە چېتىشلىق يولۇچى چيۇ فامىلىلىك ئايالنىڭ قىلمىشى خىزمەت ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن بەش كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، چيۇ فامىلىلىك كىشى 70 ياشتىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، توختىتىپ قويۇش ئىجرا قىلىنمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر