باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭجياڭنىڭ ئۆچمەس مۇساپىسىگە دائىر بايان

-شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى توغرىسىدا

2017.06.29 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئايدىكى ۋىكتورىيە پورتى، كەڭ زېمىن، يىراق مۇساپە. تەيپىڭ تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ قارىغاندا، ئېگىز بىنالار ئۇپۇقتا قەد كۆتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  20 يىل بۇرۇنقى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆل، شياڭگاڭ كۆرگەزمە مەركىزى. ھەيۋەتلىك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت شېئىرىغا ئەگىشىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ۋە سېرىس گۈلى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى. 156 يىللىق ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن شياڭگاڭ، مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ كۆزلىرىنى ياشلاپ كۈتۈشلىرى ئىچىدە، ئۇزاق ئايرىلغان ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى. مۇشۇ پەيتتە، سانسىزلىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەسلىمىسى ۋە مىللەت تارىخى بىرلىشىپ كەتتى. ھەر بىر خېتى قانلىق ياشقا تولغان «يەتتە تارماق ناخشىسى» ئاخىرى 100 يىللىق دەرت-ئەلەم ئاخىرلاشقاندا بارا-بارا ئاجىزلاشتى.

  20 يىلدىن بۇيان، شياڭگاڭ باشتىن-ئاخىر جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈيىنى ياڭراتتى. بۇنداق مېلودىيە شياڭگاڭنىڭ ئىككى قىرغىقىدا جەۋلان قىلغان دۆلەت بايرىقى، رايون بايرىقى بىلەن بىللە، نەنخەي دېڭىزىدىكى بۇ گۆھەرنىڭ يارقىن قىياپىتىنى نامايان قىلدى. تاغ-دەريا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زېمىندا، ھۈپپىدە ئېچىلغان سېرىس گۈللىرى تېخىمۇ ئاينىدى.

  شان-شەرەپلىك شياڭجياڭ. 20 يىلدىن بۇيان، شياڭگاڭ پارلاق سەھىپە ئاچتى. بۇ سەھىپىنى 7 مىليوندىن ئارتۇق شياڭگاڭلىق قېرىنداش، 1 مىليارت 300 مىليون جۇڭگو خەلقى ئورتاق ياراتتى. دېڭىز بورىنى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان بۇ زېمىن ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئۆسۈپ، ئۆزگۈرۈش داۋامىدا يېتىلدى.

  1997-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگىنىگە 20 يىل بولدى، بۇ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن 20 يىل بولدى. ۋاقىت شياڭجياڭنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىپ، شياڭگاڭدىن ئىبارەت كۆپلىگەن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ زېمىننى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پۈتكۈل بايانىغا قايتىدىن سىڭدۈردى.

  شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بارلىق شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  20 يىللىق مۇساپە، يېڭى شياڭجياڭ ھېكايىسىنىڭ مۇقەددىمىسى ئەمدىلا باشلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر