باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىنىڭ مىللىي ئۆرۈپ ئادەت ساياھىتى بىر بەلباغ بىر يولدا كەسپ نام كارتىسى ياراتتى

2017.06.29 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە يازلىق ساياھەت بازىرى بارغانسېرى جانلاندى، ئۈرۈمچى مىللىي ئۆرۈپ ئادەت ساياھىتىنىڭ كىملىكى بولغان دۆڭكۆۋرۈك ساياھەت سودا شەھەرچىسى ئاۋاتلاشتى، خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭگا رەڭ ئۆزگىچە مىللىي توۋارلار، دۆڭكۈۋرۈك بازىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان شىنجاڭ سوۋغىسى كۆرگەزمە رايونى، رەڭگا رەڭ مىللىي پۇراققا ئىگە كۆرۈنۈشلەردىن بىر بەلباغ بىر يولدىكى مىللىي ساياھەت مەدەنىيەت كەسپىنىڭ بۈيۈك پىلانى ئەكس ئەتتى.

  خەلقائارا چوڭ بازار ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى پىيادىلەر كوچىسىدا قولدا ئەتلەس توقۇش ماشىنىسىدىن رەڭگا رەڭ، تولىمۇ چىرايلىق ئەتلەس توقۇلىۋاتاتتى. تۇرپاندىن مەخسۇس بۇ يەرگە ئوينىغىلى، نەرسە كېرەك سىېتىۋالغىلى كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ ياۋېن بىر پارچە ئەتلەسنى ئۇچىسىغا تەڭلەپ كۆرۈپ مۇنداق دېدى: مەن ناھايىتى ئۆزگىچە ھېس قىلىۋاتىمەن، گەرچە بىز شىنجاڭلىق بولساقمۇ ئەمما ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۇنداق قول ھۈنەر سەنئىتى بىلەن ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىمىز، بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ مىللىي ھۈنەرگە مەپتۇن بولۇپ قالدىم.

  خەلقئارا چوڭ بازاردا مىللىي مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق دېسەك، دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنى دوست بۇرادەرلىرىڭىزگە شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق جاي دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يىل يىپيېڭى ھالەتتە بېزەلگەن دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدا مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق قاشتېشى شەھەرچىسى قۇرۇلۇپ، 170 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ سوۋغىسى باش دۇكىنى ئېچىلدى، بۇ يەردە 400 نەچچە دۇكانغا قويۇلغان مىڭدىن ئارتۇق مىللىي مەھسۇلاتلارنى كۆرەلەيسىز.

  دۆڭكۈۋرۈك بازىرىنىڭ باش دېرىكتورى خۇاڭ كۈي مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدا ساياھەتچىلەر ئۆتكەن يىلدىكىدىن %10دىن %20گىچە كۆپەيدى، ساياھەتچىلەر مۇھىت ۋە ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىغا بەكرەك قىزىقىدىكەن، شۇڭا بازىرىمىز ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ قىزغىنلىقىغا مۇناسىپ ھالدا ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئالاھىدىلىكىدىن ھوزۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ بىر بەلباغ بىر يول تەسەۋۋۇرىدىكى ساياھەت نام كارتىسىغا ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر