خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 28- كۈنى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تۇنجى قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ سۇغا چۈشۈرۈلۈش مۇراسىمى شاڭخەي جياڭنەن كېمىسازلىق (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ تىپلىق پاراخوت دۆلىتىمىز پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تىپتىكى 10 مىڭ توننىلىق قوغلىغۇچى پاراخوت بولۇپ، بۇ پاراخوتنىڭ سۇغا چۈشۈرۈلۈشى ئېلىمىزنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوت تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، دېڭىز ئارمىيە جابدۇق سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى