باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدە ئېيتقانلىرى»(ئاساسي قاتلام ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر قوللانمىسى) دېگەن كىتاب پۈتۈن پارتىيەگە تارقىتىلدى

2017.06.28 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي قاتلام ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش، يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادرونى قوغداش ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى تېخىمۇ ياخشى پۇختىلاپ، مېڭىنى تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرۇپ، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ھەربىي كومىتېت سىياسي خىزمەت بۇسى «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدە ئېيتقانلىرى»(ئاساسي قاتلام ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر قوللانمىسى) دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىقتى، يېقىندا ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنىپ، پۈتۈن ئارمىيەگە تارقىتىلدى.

  كىتاب ئاساسىي قاتلام ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 11-ئايدىن 2017-يىلى 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى قىسمەن مۇھىم ماقالىلىرىدىن ئۈزۈندە ئېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلىرى، مۇھىم نەزىيىۋى قاراشلىرى، مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرگەن. «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدە ئېيتقانلىرى»(ئاساسي قاتلام ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر قوللانمىسى)نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ياخشى ئىشلىتىش، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىسىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر