باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش تارماق بىرلىشىپ يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى: ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا زورلاشقا بولمايدۇ

2017.06.28 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىشىپ 27-ئىيۇن «جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتلارنى قەتئىي ساقىت قىلىشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلىپ، قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتقا ئېرىشىشنى توسۇپ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلو كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دېلو تۇرغۇزۇشتىن سوت ئاچقۇچە كۆپ قاتلاملىق تەرتىپ، كۆپ نۇقتا بويىچە يېڭى بەلگىلىمە تۈزدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك يۇقىرى سودىيەسى دەي چاڭلىن مۇنداق كۆرسەتتى: تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش تەرتىپى، قائىدىسىنى بېكىتىش ___ قانۇن بويىچە قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتلارنى بېكىتىش، قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقىت قىلىش قائىدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقىت قىلىش قائىدىسىنىڭ مەقسىتى نوقۇل قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقىت قىلىشلا بولماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە قانۇنسىز دەلىل-ئىسپات ئېلىشنى مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشقا ۋە تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش، ئالداش، شۇنداقلا باشقا قانۇنسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق دەلىل-ئىسپات توپلاپ، ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا زورلاشقا بولمايدۇ. ئۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېھتىيات قوراللىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق زورلۇق ئۇسۇلى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشتەك قەبىھ ئۇسۇللار ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى چىدىغۇسىز ئازاب چەكتۈرۈش ۋە ياكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارغا زورلۇق ئىشلىتىش ياكى مەزكۇر كىشى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش، قانۇنسىز قاماپ قويۇش قاتارلىق جىسمانىي ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەش ئۇسۇللىرى بىلەن گۇۋاھلىق توپلىسا ھەممىسىنى ساقىت قىلىش كېرەك، ئۇنى قولغا ئېلىش، ئەيىبلەشنى تەستىقلاش ياكى قارار چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر