باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ «ئامېرىكىغا قارشى كۈرەش كۈنى»نى خاتىرىلىدى

2017.06.27 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن تۈنۈگۈن پيوڭياڭدىكى كىم ئىلسوڭ مەيدانىدا كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى يىغىلىش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، «ئامېرىكىغا قارشى كۈرەش كۈنى»نى خاتىرىلىدى.

  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم مىنەم، ئىيوڭسۇ قاتارلىق چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى يىغىلىشقا قاتناشقان. يىغىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

  پىيۇڭياڭ شەھەرلىك خەلق كومىتېتىنىڭ باشلىقى چې شىلىن ھەمدە ئەمگەكچىلەر ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىلىشتا سۆز قىلغان. ئۇلار مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا چاۋشيەنگە تاجاۋۇز ئۇرۇشى قوزغاپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ قىرغىن قىلىپ ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، چاۋشيەن خەلقىگە مەڭگۈ ساقايماس جاراھەت قالدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش مانېۋىرىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ ئىدىيەسى، تۈزۈمى ۋە چاۋشيەن خەلقىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ كەلدى. ناۋادا ئامېرىكىنىڭ يېرىم ئارال رايونىدا يادرو ئۇرۇشى قوزغاش نىيىتى بولسا، چاۋشيەن ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بارلىق تاجاۋۇزچىلىق سۇيىقەستىنى گۇمران قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى بار.

  1950-يىلى 25-ئىيۇن چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىدى. چاۋشيەن بۇ كۈننى «ئامېرىكىغا قارشى كۈرەش كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر