باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقان نۇرمەمەت مەخەت

2017.06.27 14:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىڭتۈەننىڭ مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى، بىڭتۈەن 3- شىسى بويىچە «ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشتىكى ئىلغار شەخس»، ئەمگەك نەمۇنىچىسى... بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن نۇرمەمەت مەخەت بىڭتۈەن 3- شىسى 51- تۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى بولۇپ، نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەن. «پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچى، ئاممىغا بەخت يارىتىش مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇم». ئۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان يۇقىرىقى ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتتە كۆرسەتتى.

  ئاپتونوم رايون «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، نۇرمەمەت مەخەت ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتە قەتئىي تەربىيەلەنگەنلىكىنى، گەۋدىلىك خىزمەت ئىقتىدارىنى، ئېسىل خىزمەت ئىستىلىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ 51- تۈەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ھەم ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر مىللەت ئامما توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تۈەن- مەيداننىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپىلەرنى ياراتتى.

  بەنزىنى كۈچەيتىپ، قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلىپ، جەڭگىۋار ئىستىھكام بەرپا قىلىش

  51- تۈەن ھەر مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تۈەن- مەيدان. نۇرمەمەت مەخەت تۈەن- مەيداننىڭ «سەركىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بەنزىنى تۇتۇش، قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ پارتكوم شۇجىسىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە زىممىسىگە ئېلىپ، ئىچكى كېڭىشىش قائىدىسى ۋە تەرتىپىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتكومنىڭ ئوخشاش سادا ياڭرىتىپ، بىر تاختا شاھماتنى ياخشى ئوينىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىختىساسلىقلار ئىش قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاچقۇچى. تۈەن- مەيداننىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قانداق قىلغاندا ياخشى تۇتقىلى بولىدۇ؟ نۇرمەمەت مەخەت ئاز سانلىق مىللەت ليەندۈيىدە «بەش بىر قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇش، يەنى بىر خەنزۇ ياچېيكا شۇجىسى، ھەربىيدىن قايتقان بىر كىشى، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر ئايال كادىر، بىر ئىستۇدېنت، بىر سىياسىي خادىم سەپلەشتەك ياخشى ئامالنى تېپىپ چىقتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، تۈەن- مەيدان ئىلگىرى- كېيىن تۈرلۈك ئىختىساسلىقتىن 196نى قوبۇل قىلدى. نۇرمەمەت مەخەت يەنە كادىرلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەردى، تۈەن- مەيدان ياچېيكا شۇجىسى ۋە زاپاس كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىڭتۈەن شى پارتىيە مەكتىپى، ئىتتىپاق ياشلار ليەنى، «قوش تىل» بويىچە تەربىيەلەش، ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق 1800دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنى تەربىيەلىدى. پارتكوم بەنزە ئەزالىرى ۋە ئورگان بۆلۈم- ئىشخانىلىرى ئىدارە پارتىيە ياچېيكىلىرىنى يېتەكلەش، پارتىيە ياچېيكىلىرى پارتىيەلىك كادىرلارنى يېتەكلەش، پارتىيەلىك كادىرلار ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى يېتەكلەش، پارتىيە ئەزالىرى ئاممىنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت «تۆت يېتەكلەش» مېخانىزمىنى پائال يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ليەندۈيلەر پارتىيە ئەزالىرىنى تۈر ۋە قاتلامغا بۆلۈپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا پائال ئىزدەندى. ئۈچ يىلدىن بۇيان 51- تۈەن 200دىن ئارتۇق پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپىنى يېتىشتۈردى، 106 پارتىيە ئەزاسىنى تەرەققىي قىلدۇردى.

  51- تۈەن 2014- يىلى 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئارىلىقى يېقىن 10- ليەن، 12- ليەن، 13- ليەننى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەن «ليەن بىلەن مەھەللىنى بىرلەشتۈرۈش» شەھەر- بازار ئىناق مەھەللىسىنى قۇردى. ئىقتىدار جەھەتتە «قوش يۆنىلىش»لىك مۇلازىمەت قىلىدىغان، بايلىقتىن تەڭ بەھرىلىنىدىغان، ئەندىزە جەھەتتە «قوش» باشقۇرىدىغان، تۈزۈلمە ئۆزگەرمەيدىغان، مېخانىزم جەھەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ۋە قېلىپلاشقان، ئىلگىرىكى ليەن پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى ئۆزگەرمەيدىغان «تارقاق ئولتۇراقلىشىش، مەركەزلىك ئىش بېجىرىش، بۆلۈنۈش ۋە بىرىكىش بولۇش»تەك ليەن بىلەن مەھەللىنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

  تۈەن- مەيدانلاردا يەر ئاز، ئادەم كۆپ بولۇش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش ھالىتىنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ نۇرمەمەت مەخەت ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. 2014- يىلى 51- تۈەن «قوش 3000» كىرىمنى كۆپەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويدى، يەنى كۆكتات پارنىكى ياساش، گىلەم زاۋۇتى قۇرۇش ۋە ئەمگەك- مۇلازىمەت كۈچلىرىنى چىقىرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، نامرات 3000 ئائىلىنى ئۈچ يىلدا بېيىتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، 3000 ياشنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  51- تۈەن 2014- يىلى 8- ئاي ۋە 2015- يىلى 1- ئايدا ئاز سانلىق مىللەت ئامما ئىچىدىكى 113 ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىككى تۈركۈمدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۇەن شەھىرىدىكى «بوستان» ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتتى ھەم مەخسۇس كادىرنى زاۋۇتتا تۇرۇپ، باشقۇرۇش خىزمىتىگە ياردەملىشىشكە مەسئۇل قىلدى. بۇ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن تەشكىلچانلىقى، ئىنتىزامچانلىقى كۈچەيدى، خەنزۇچە سەۋىيەسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى ئۆستى. نۇرمەمەت مەخەت تۈەن- مەيداننىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى تاپتى، ئۇ بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا يەنە 0002 ئارتۇق ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدە 2017- يىلى 1096 كىشىنى، 2018- يىلى 1030 كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  51- تۈەن 2012- يىلىدىن ھازىرغىچە جەمئىي 1 مىليارد 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 10 مىڭ 412 يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ (ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي) سالدى، بۇنىڭ كۆلىمى 922 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. ئىجتىمائىي ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇشقا 130 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەكتەپ، دوختۇرخانا كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزلىرى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، بىڭتۈەن 3 - شىسىدە تۇنجى ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى قۇردى.

  ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كۈچ قوشۇش

  مۇقىملىق- تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. 51- تۈەندىكىلەر نۇرمەمەت مەخەتنىڭ باشچىلىقىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كۈچ قوشتى.

  ھازىرقى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى كەسكىن بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، 512- تۈەن تەشۋىقات، سىياسىي قانۇن، ئاياللار بىرلەشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، بىرلىك سەپ، مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى، ساقچىخانا قاتارلىق تارماقلارنى مۇقىملىقنى قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئۇقتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ، مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىپ ۋە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى شەخسلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پايدىسى ۋە ئۈنۈمى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  نۇرمەمەت مەخەت يەنە بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلار ۋە خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قوشۇنى بازىسى قۇردى. 51- تۈەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ياشلارنى يىغىپ، ياشلار ليەنى قۇرۇپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان 150 ياشنى قوبۇل قىلدى. ئەسلىدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار تەربىيەلەش ئارقىلىق «قوش تىل»نى بىلىدىغان، تېخنىكا ئىگىلىگەن، مەدەنىيەتلىك، ئىقتىدارلىق، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىڭتۈەن يېڭى ئەسكەرلىرىگە ئايلاندى.

  − بىز 51- تۈەندىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، − دېدى نۇرمەمەت مەخەت. 51- تۈەن بۇنىڭ ئۈچۈن تېخنىكا، ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بىلەن خەنزۇ كادىرلار ئالمىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش، كادىرلارنى نامرات ئاھالىگە چېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئەلرايىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر