- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ترامپ: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسى لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى
2017.06.27 15:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 25-ئىيۇندىكى خەۋېرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ: مەن كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى پارلامىنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ ئوبامانىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسى قانۇنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا غايەت زور توسالغۇغا دۇچ كەلدىم. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يەتتە يىلدىن بۇيان سابىق زۇڭتۇڭ ئوباما يولغا قويغان مەملىكەتلىك ساغلاملىق سۇغۇرتىسى قانۇنىنى تەلتۆكۈس ئىسلاھ قىلىشقا ئىزچىل ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبىرى يېقىندا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغان، يېڭى قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكىلىقلاردىن ياكى سوغۇرتا سېتىۋېلىش ياكى جەرىمانە تۆلەشنى تەلەپ قىلىشنى توختىتىش، تۆۋەن كىرىمدىكى ئاممىنىڭ سۇغۇرتا سېتىۋېلىشىغا قوشما ئىشتات بېرىدىغان تولۇقلىمىنى تەدرىجىي بىكار قىلىش، بايلاردىن باج ئېلىشقا چەك قويۇش ھەمدە بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت كەمبىغەللەرگە ۋە مېيىپلارغا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى تولۇقلىمىسى بېرىش پىلانىدىكى مەبلەغدىن نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئازايتىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر