باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاھىدە ماھارەتنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھۈنەرۋەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىش

شىنجاڭ 2017-يىللىق «ماھارەت ئۇستىسى خىزمەتخانىسى» تۈرى يولغا قويۇلدى

بىر قېتىمدا 100 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىدۇ

2017.06.28 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقىرى ماھارەتلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 2017-يىللىق «ماھارەت ئۇستىسى خىزمەتخانىسى» تۈرىنى يولغا قويغان.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، «ماھارەت ئۇستىسى خىزمەتخانىسى»نىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى ماھارەتلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى يىغىپ، «ئۇستىلار شاگىرت تەربىيەلەش» مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنى ياخشى قېزىپ راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش؛ تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، تېخنىكىلىق ئۆتكەل تەتقىقاتىغا قاتناشتۇرۇش، ئۆز كەسپى ئىچىدە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئالاھىدە ماھارەت ۋە تېخنىكا نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان سۇپا بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، تەستىقتىن ئۆتكەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھەر بىر ماھارەت خىزمەتخانىسى 100 مىڭ يۈەن خىراجەت ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. بۇ پۇل ئاساسلىقى تەربىيەلەش خىزمەتخانا ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋىلىش ھەم ماھارەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىنىدۇ. شەرتكە چۈشىدىغان ۋە ئىختىيارلىقى بار «ئۇستىلار» 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق شىركەت (ئورۇن) ياكى شۇ ساھە قاراشلىق جەمئىيەت ئارقىلىق تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر