باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: تۈرلۈك ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ماس جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىغا مۇجەسسەملەش كېرەك

2017.06.27 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 26-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 36-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىستېمىلىق بولۇشقا، بىر پۈتۈنلۈككە، ماسلىشىشچانلىققا ئەھمىيەت بېرىش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، ماسلىشىشچانلىققا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى، ھەم ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولغا قويۇش جەريانىدا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات ئۈنۈمى جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، كۈچنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىغا مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «چىليەنشەن تېغى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈمىنى شىركەت تۈزۈمى بويىچە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر تۇتاش ھېسابلاشنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى»، «ئىستاتىستىكا قانۇن-ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان جاۋابكارلارنى جازالاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپ چارىسى»، «جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»، «چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلار ۋە تاشقى سېلىنما بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش خىزمىتى توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر»، «مەملىكەتنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ مۈلۈك-قەرز جەدۋىلىنى تۈزۈش خىزمىتى لايىھەسى»، «خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھە»، «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىقى، مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى(جياڭشى)نى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى(گۇيجۇ)نى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا «دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى(فۇجيەن)نى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «جۇڭگو(گۇاڭدۇڭ)، جۇڭگو(تيەنجىن) ۋە جۇڭگو(فۇجيەن)» ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر