باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 18 ياشلىقلار ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى قوشۇمچە مۇسابىقىدىكى تۇنجى مەيداندا غەلىبە قىلىپ، تيەنجىن مەملىكەتلىك ئومۇمىي تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

2017.06.27 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، تيەنجىن مەملىكەتلىك ئومۇمىي تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ياشلار ئەرلەر پۇتبول تۈرى قوشۇمچە مۇسابىقىسى باشلاندى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭغا ۋەكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان تەڭرىتاغ يىلپىزى 18 ياشلىقلار كوماندىسى 4 دە 1 نەتىجە بىلەن جېجياڭ كوماندىسىنى ئۇتۇپ، 6-بولۇپ تيەنجىن ئومۇمىي تەنھەرىكەت يىغىنى ياشلار ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بېكىتكەن كوماندا بولۇپ قالدى.

  مەملىكەتلىك ئومۇمىي تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، سەككىز كوماندا ھەل قىلغۇچ باسقۇچغا قاتنىشىپ، مەملىكەتلىك ئومۇمىي تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىدۇ. 4-ئايدىكى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە گۇاڭدۇڭ، يۈننەن، جياڭسۇ، شەندۇڭ ئالدى بىلەن ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ساھىبخان كوماندا تيەنجىننى قوشقاندا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قاتنىشىش سەككىز بېلىتىدىن يەنە ئۈچ بېلەت قالدى، بۇ بېلەتلەر شىنجاڭ، جېجياڭ، شاڭخەي ۋە سىچۈن كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدا رىقابەتلىشىش ئارقىلىق تاللاپ چىقىلىدىغان بولۇپ، بۇ قوشۇمچە مۇسابىقە دەل مۇشۇ ئۈچ بېلەتنى تالىشىش مۇسابىقىسىدۇر.

  قوشۇمچە مۇسابىقىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى جېجياڭ كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، تيەنجىندە تۇرۇۋاتقان 100دىن ئارتۇق شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى نەق مەيداندا كېلىپ، شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بەردى.

  مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ھۇجۇمچى ئېرفان بىر توپ كىرگۈزدى. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي، جېجياڭ كوماندىسى نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. 35 مىنۇت بولغاندا ئېرفان يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2 دە 1 قىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئېرفان بۇ مەيداندىكى ئۈچىنچى توپىنى ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «بۆك ئويۇنى»نى تاماملىدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، كەۋسەر بىر توپ ئۇرۇپ، نەتىجىگە ھۆسىن قوشتى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 4 دە 1دەك چوڭ پەرق بىلەن جېجياڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، 6-بولۇپ تيەنجىن مەملىكەتلىك ئومۇمىي تەنھەرىكەت يىغىنى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن كوماندا بولۇپ قالدى.

  27-ئىيۇن ۋە 29-ئىيۇن، شىنجاڭ كوماندىسى يەنە سىچۈەن كوماندىسى، شاڭخەي كوماندىسى بىلەن كۈچ سىنىشىدۇ. گەرچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ بولغان بولسىمۇ، شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇ، كوماندىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر