خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 25- كۈنى، پاكىستاننىڭ باخاۋالپۇردا، ھەربىيلەر ماي باكلىق ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىش ۋەقەسى نەق مەيدانىنى تەكشۈرمەكتە.
پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 25-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ شەرقى قىسمىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ باخاۋالپۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ماي باكلىق ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە 140 ئادەم ئۆلۈپ، يەنە 100دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، قىسمەن يارىدارلارنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇپ، قازا قىلغانلار سانى يەنىمۇ ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى