خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ئىيۇن دۆلەت مۇزېيىغا بېرىپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ئىچكى جايلارنىڭ كۈچەپ قوللىشى بىلەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى تۈرلۈك ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» نىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. 20 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» تارىختىن قالغان شياڭگاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى بولۇپلا قالماي، يەنە شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرىشى ھېسابلىنىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئىزچىل قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىق قانۇنى بويىچە ئىش كۆرۈپ، شياڭگاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك. شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار كۆرگەزمىنى كۆردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى