- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لياڭ جېنيىڭ 5-پارچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى
ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سۈرئىتى ۋە نەتىجىسى دوكلات قىلىندى
2017.06.28 16:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ 27-ئىيۇن شياڭگاڭدا، بۇ نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 5-پارچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىگە ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى سۈرئىتى ۋە نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى.
بۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دوكلاتى ئىقتىساد، تۇرالغۇ ۋە قاتناش-تىرانسپورت، يەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ نامراتلارنى يۆلەش، ياشانغانلارنى خاتىرجەم قىلىش، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش؛ مۇھىت ئاسراش ۋە مائارىپ؛ يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن- تېخنىكا؛ مائارىپ ۋە ياشلار- ئۆسمۈرلەر تەرەققىياتى؛ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، مەدەنىي- ساغلام شەھەر ۋە رايونلار مەمۇرىيىتى قاتارلىق توققۇز كاتېگورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئىقتىسادىي جەھەتتە دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، شياڭگاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى نورمال بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھەر يىلى %2.4 بولدى، باشقا ئىلغار ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.7 يۇقىرى بولدى؛ ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى 210 مىڭ نەپەر ئېشىپ، بۇلتۇرغىچە 3 مىليون 790 مىڭ ئادەملىك يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ساقلاندى؛ دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدىن شياڭگاڭغا ئورۇنلاشقان شىركەتلەر سانى %15 ئېشىپ، بۇلتۇرقى 7986كە يېتىپ، يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ، شياڭگاڭنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاقىلاشقۇچى»لىقىنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر