باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوئان: دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تەلىپى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ

2017.06.27 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان تۈنۈگۈن ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قاتاردىن «دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ھەل قىلىش» ھەققىدىكى بىر يۈرۈش تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ» دەپ تەنقىدلىدى.

  ئەردوئان تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قاتارغا ئوتتۇرىغا قويغان 13 نۇقتىلىق تەلىپى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قاتاردىن ئۆز چېگرىسىدە تۈركىيە ھەربىي بازىسىنى قۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە ئەردوئان مۇنداق دېدى: بىز ھەر قانداق دۆلەت بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەندە باشقا دۆلەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشىمىز كېرەكمۇ؟

  تۈركىيە قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسىدا قاتارنى قوللىدى. يېقىندا تۈركىيە قاتاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىغا 23 ھەربىي ۋە بەش بىرونېۋىك ئەۋەتىپ قاتارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر