باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«بىر بەلباغ، بىر يول» ئاۋسترالىيەگە يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلدى

2017.06.27 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مىنىستىرى ئاندىرىۋ روب يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدا 17 مىليون گېگتار تېرىلغۇ يەر بار، بىراق بۇ يەرلەر تېخى ئېچىلمىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئاۋسترالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئېچىشقا يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلدى دېدى.

  روب مۇنداق دەپ قارىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان پەيىتتە ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»غا بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ھەمكارلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر مەسىلەن شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  روب مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى يەرشارىلاشتۇرۇش خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەرشارىلاشتۇرۇشنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زەربىسىنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەندە، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر