خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 21-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، سەنشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بېيجىڭدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل لۈلياڭغا بېرىپ، ئارقىدىن بىر يېرىم سائەت ماشىنىغا ئولتۇرۇپ شىڭشيەن ناھىيەسىگە بېرىپ، سەنشى سۈيۈەن چېگرا رايونى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىسىگە گۈل سېۋىتى قويدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، لۈلياڭ پەرزەنتلىرى ساپ قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە ئۇلۇغ لۈلياڭ روھىنى تىكلىدى. ھازىرقى دەۋرىمىزدە بۇ خىل روھنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ يەنە قۇرۇلۇپ پۈتكەن نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى-سۇڭجياگۇ يېڭى كەنتىگە باردى. بۇ جاي تاغ جىلغىسىدىكى كونا كەنتكە روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇراتتى. باش شۇجى پاكىز، رەتلىك كەنت قىياپىتى ۋە ئاھالىلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى ھەم كەنت ئاھالىسىگە مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆپچىلىكنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش يولىدا تىرىشىۋاتىدۇ، ئەھۋال بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. يۇرتداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىللە، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەڭلار!
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى