سۈرەتتە: ساقچى تەرەپ ھەر خىل زەھەرلىك بۇيۇملارنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوچاققا سالماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ساقچى تەرەپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 1221.32 كىلوگىرام زەھەرلىك بۇيۇمنى مەركەزلىك كۆيدۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە 54.41 كىلوگىرام خروئىن، 67.33 كىلوگىرام مۇزسىمان زەھەر، 1.28 كىلوگىرام مۇزسىمان زەھەر خۇرۇچى، 1056.66 كىلوگىرام كەندىر، 3.81 كىلوگىرام كەندىر يوپۇرمىقى، 9.35 كىلوگىرام روھلاندۇرۇش دورىسى، 28.22 كىلوگىرام k تالقىنى، 0.26 كىلوگىرام باش چايقاش كومىلىچى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى