باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ

2017.06.19 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرقانچە مىنىستىرلىق-كومىتېت بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىچكىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭ، شىزاڭدا مائارىپقا ياردەم بېرىپ، بۇ ئىككى جاينىڭ ئۇل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشقا تەشكىللەيدىكەن.

  بۇ يىلدىن باشلاپ مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىچكىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭ، شىزاڭدا مائارىپقا ياردەم بېرىش، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، شىنجاڭ، شىزاڭ بىلەن ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى دائىمىيلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش، شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى.

  بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە ئىككى جايدا مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تۆت مىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىلىدۇ، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ئەۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە پىراكتىكانت پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى قوشقاندا 5500گە يېتىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا مەدەت بېرىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا مەدەت بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ئېچىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا مەدەت بېرىش پىلانىنى بىرىنچى قول قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈش؛ تارىختىن قالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، چوڭ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى سانى، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرى يەسلىگە كىرىش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر