باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«شام ئىسلام دۆلىتى» موسۇلدىكى 800 يىللىق نۇرى مەسچىتىنى پارتلىتىۋەتتى

2017.06.22 18:14   مەنبە: خەلق تورى

«شام ئىسلام دۆلىتى» موسۇلدىكى 800 يىللىق نۇرى مەسچىتىنى پارتلىتىۋەتتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ھەربىي تەرەپ 21-چېسلا: ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» شۇ كۈنى موسۇل شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان نۇرى مەسچىتىنى ۋە بۇ مەسچىتنىڭ مۇنارىنى پارتلىتىۋەتتى، دېدى.

  ئىراق بىرلەشمە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ گېنېرال لېيتېنانتى ئابدۇللا ئامىر يالالا بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئىراق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىمى شۇ كۈنى موسۇل شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، نۇرى مەسچىتىگە تەخمىنەن 50 مېتىر قالغاندا، «شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورچىلىرى يەنە بىر تارىخىي جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، نۇرى مەسچىتى ۋە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەسچىت مۇنارىنى پارتلىتىۋەتتى.

  نۇرى مەسچىتى 1172-يىلى سېلىنغان بولۇپ، تارىختا ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى كۆپ قېتىم ۋەيران قىلىنغان، لېكىن بۇ مەسچىتنىڭ ئەزان ئېيتىش مۇنارى ساقلىنىپ قالغان.

  نۇرى مەسچىتى موسۇل شەھىرىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2014-يىلى، ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى باغدادى نۇرى مەسچىتىدە «شام ئىسلام دۆلىتى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 18- كۈنى موسۇل شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىغا كۆپ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى، نەچچە ئاي داۋاملاشقان موسۇل شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر رايونىدىكى ئۇرۇش ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا …
    ·ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمىتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇش پۈتكۈز…
    ·ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيى…
    ·ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سە…
    ·6000دىن ئارتۇق بالىلار يېڭى يەسلىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ
    ·جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم تولۇق كۇرسقا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلىم-پەن ۋە گۈزەل سەنئەت دەرسلىكىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئى…
    ·كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بەش ئالىي مەكتەپ چوڭ تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى