باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، 2-تۈركۈمدىكى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.06.22 18:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2-تۈركۈمدىكى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، 2-تۈركۈمدىكى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە 2-تۈركۈمدىكى 92 يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى (يەنى: بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونى قاتارلىق 45 رايون ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىئەن ئوپتىك نازۇك ماشىنىلار تەتقىقات ئورنى قاتارلىق 26 ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورنى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى قاتارلىق 21 كارخانىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتش بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ بىر تۈركۈم يېڭى ئۆلچەملىرى شەكىللىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە بىر تۈركۈم داڭلىق ماركا يارىتىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈزۈمى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، سىجىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى ماتورىنى يارىتىش ئۈچۈن، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاساسى ياخشىراق، ئالاھىدىلىكى روشەن، ئۈلگە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىسمەن رايونلار، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانىلارنىڭ بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى قۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، بەلگىلىك ئۈنۈمىنى چوڭايتىش، ئىجتىمائىي تەسىرىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەم پۈتكۈل جەمئىيەتتە كېڭەيتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۈرۈشمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى داۋاملىق ئالماشتۇرۇشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەش قارار قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر