خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، باي ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپ خىل دەم ئېلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى.
ساياھەتچى ليۇ شيۇفېڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، مېنىڭ بۇ يەرگە بىرىنچى قېتىم كېلىشىم، چۈنكى مەن دوستۇمدىن قىزىل مىڭئۆيىنىڭ تەرىپىنى كۆپ ئاڭلاپ، كۆرۈپ كېلىش ئىستىكىدە قۇدىمىزنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەتنى كۆرۈپ ھوزۇرلاندۇق».
ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى لياۋ سۇڭمىن مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ياخشى جاي ئىكەن، بۇنى كۆرگەن ۋاقىتتا بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدىكەن، پۇرسەت بولسا يەنە كېلىمەن».
مەنزىرە رايونى مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، 6-ئايدىكى ئىسسىق پەسىلدە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن، بۇ يىلقى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ بولىدىكەن. (ئىختىيارىي مۇخبىر قەھرىمان روزى خەۋىرى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى