باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كەلگۈسى ئۈچ كۈندە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى داۋاملىشىدۇ، سىرتقا چىققاندا ئاپتاپ ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

2017.06.20 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسسىق، ئىسسىق، يەنىلا ئىسسىق! بۇ نەچچە كۈندىن بېرى، شىنجاڭلىقلار نەگىلا بارسا، كاۋاپتەك قاقلىنىپ كۆيمەكتە. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممىلا يېرىدە مۇشۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى يەنە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئاممىنى سىرتقا چىققاندا ئاپتاپ ئۆتۈشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلدى.

  19-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 19-ئىيۇن كۈندۈزىدىن 21-ئىيۇن كۈندۈزىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى رايونلىرى، تۇرپان، توقسۇن، پىچان ئويمانلىقى، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن، بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقى قىسمى، قاراماي، شىخەنزە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان، توقسۇن، پىچان ئويمانلىقى، قۇمۇلنىڭ جەنۇبى قىسمىدا تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن، بولۇپمۇ تۇرپان، توقسۇن، پىچاندا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر