باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«بىر بەلباغ، بىر يول» تېمىسىدا «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ تەرجىمە كۇرسى ۋە «ئەدەبىي تەرجىمە قوش تىل ئوقۇشلۇقلىرى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2017.06.20 15:48   مەنبە: خەلق تورى

«بىر بەلباغ، بىر يول» تېمىسىدا «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ تەرجىمە كۇرسى ۋە «ئەدەبىي تەرجىمە قوش تىل ئوقۇشلۇقلىرى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژورنىلى، جۇڭگو مەدەنىيەت تەرجىمە-تەتقىقات تورى، جۇڭگو تەرجىمە نەشرىياتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تېمىسىدا «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ تەرجىمە كۇرسى ۋە «ئەدەبىي تەرجىمە قوش تىل ئوقۇشلۇقلىرى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى 1981- يىلى تەسىس قىلىنغان، 2009- يىلى موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرى تەسىس قىلىنغان، 2012- يىلى قازاقچە ۋە چاۋشيەنچە نۇسخىلىرى تەسىس قىلىنغان ئىدى. شۇ بەش ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىلىرى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، ئىزچىل ھالدا، ئۇنىڭ تىل ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر ژورنالنى سۇپا قىلىنغان ھالدا، كۆپ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ نۇسخىلار ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە، ھەمدە جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنىڭ پائال تۈردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. 2017- يىلى جۇڭگو تەرجىمە نەشىرىياتى بىلەن بىرلىكتە «ئەدەبىي تەرجىمە قوش تىل ئوقۇشلۇقلىرى» نەشىر قىلىندى. بۇ ئوقۇشلۇقلارغا «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن 60 نەچچە پارچە ئىلغار تەرجىمە ئەسەر تاللاپ چىقىلىپ كىرگۈزۈلگەن، ھەمدە خەنزۇچە ئەسلى تېكىستى بىلەن بىرگە نەشىر قىلىنغان. بۇنىڭدىن مەقسەت ئوقۇرمەنلەرنى ئىككى تىل ئارا سېلىشتۇرۇپ ئوقۇش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش، شۇ ئارقىلىق، ئۆگىنىش، ھەمبەھىرلىنىش ۋە تەرجىمە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەمدە كىشىلەرنى ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان نادىر ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. بۇ ئوقۇشلۇق نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن «2017- يىللىق جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىي نادىر نەشىرىيات قۇرۇلۇشى»غا كىرگۈزۈلدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىغا جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەتتىكى ئۆزىگە بولغان ئىشىنىشى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىستىراتېگىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، قانداق قىلىپ ئەدەبىي شەكىلدە جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلەش، ھەمدە قانداق قىلىپ ئىلغار ئەدەبىي تەرجىمە ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشى ۋە ئالماشتۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسى بۈگۈنكى ھەرقايسى مىللەت يازغۇچىلىرى ۋە تەرجىمانلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان دەۋر بۇرچى ۋە تېمىسى بولۇپ قالدى. خەنزۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن قاتارلىق مىللەتلەردىن 50تىن ئارتۇق يازغۇچى تەرجىمان ۋە ئوبزورچىلار بۇ قېتىمقى كۇرس ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ توردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيى…
    ·ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سە…
    ·6000دىن ئارتۇق بالىلار يېڭى يەسلىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ
    ·جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم تولۇق كۇرسقا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلىم-پەن ۋە گۈزەل سەنئەت دەرسلىكىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئى…
    ·كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بەش ئالىي مەكتەپ چوڭ تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى
    ·ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئالتە خىل ئالدامچىلىقتىن ھوشيار بولۇش كېرەك
    ·قازاقىستان پوچتا پويىزى جۇڭگودىن قازاقىستانغا قاراپ يول ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدا توردا مەسلىھەت سوراش كېلەر ھەپتە…