باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىمەكتە

بېيجىڭ، سەنيا، شيامېندىكى نىمكەش ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ باھاسى چۈشمەكتە

2017.06.20 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان 5- ئايلىق 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھا ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جايلارغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ھەمدە ھەر يەرنىڭ شەرت-شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتىن ئىبارەت ئۆي-زېمىن تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق تۈردە ياخشى بولماقتا. نەتىجىدە، بىرىنچى سەپتىكى ۋە قىزىق نۇقتىلىق ئىككىنچى سەپتىكى 15 شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ئۆسۈش نىسبىتى پۈتۈنلەي تۆۋەنلىگەن، يەنە توققۇز شەھەرنىڭ ھالقىما ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن ياكى ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشاش بولغان.

  بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەر ئىچىدە، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەنلەپ ماڭغان. يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆي ۋە نىمكەش ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندىكى ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن چۈشكەن بولۇپ، بۇ خىل شەھەرلەردىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 29 ۋە 18ى بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە بولسا، ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندىكى ئۆرلەش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىشى تېخىمۇ روشەن بولغان.

  ھالقىما ئېشىش نىسبىتىدىن قارىغاندا، 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەر ئىچىدە، ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش ۋە ئۆرلەش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش بولغان شەھەرلەرنىڭ سانى سەل كۆپەيگەن. ئۆي باھاسى ئۆرلەش جەھەتتىن قارىغاندا، يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەر ئىچىدە، ھالقىما ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغىنى ئەنخۇي بېڭبۇ، ھالقىما چۈشۈش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان شەھەر گۇاڭدۇڭ شېنجېن ۋە خەينەن خەيكو قاتارلىقلار ئىكەن.

  نىمكەش ئۆيلەر ئىچىدە، ئۆي باھاسى چۈشۈپ كېتىشكە باشلىغان شەھەرلەر بولسا، بېيجىڭ، سەنيا ۋە شيامېن قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچتا ئۆرلەشكە باشلىغان شەھەرلەر ئىكەن. لېكىن، ھالقىما ئېشىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان شەھەر يەنىلا بېڭبۇ ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر