خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇن «خەلق» سارىيىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىغا كەلگەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ، جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماشابانې، بىرازىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نۇنېس، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىنگ بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىىنستىرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىرقى قالايمىقانچىلىق ۋە ئۆزگىرىش گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئورتاق ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە، ھەممىمىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ياخشى قوغداپ، پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بىر يېڭىلىق بولۇپ، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىتتىپاقتىن ئىبارەت كونا يولدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھەمراھ بولىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەيدىغان يېڭى مۇناسىۋەت ئورناتتى؛ ئىدېئولوگىيە چېگراسى ئايرىپ تۇرغان كونا تەپەككۇردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى يول ئاچتى؛ يېڭىش-يېڭىلىنىش بەلگىلىنىپ، يەڭگۈچى ھەممىگە ئىگە بولىدىغان كونا قاراشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭى ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى بەش دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى