باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 288 مىڭ ئادەم ئىمتىھان ئارقىلىق جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى كەسپىي سەۋىيە گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشتى

2017.06.19 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-، 18- ئىيۇن، مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى كەسپىي سەۋىيە ئىمتىھانى ئۇيۇشتۇرۇلدى، بۇ، 2008- يىلدىن بۇيان ئۇدا 10 يىل ئىمتىھان ئالغانلىقىدۇر. ئىگىلىنىشىچە، 2008- يىلى مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى كەسپىي سەۋىيە ئىمتىھانى ئېلىش باشلانغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئىمتىھان ئارقىلىق جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى كەسپىي سەۋىيە گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن خادىملارنىڭ سانى 288 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلار مەھەللە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى، مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نەپىقە بېرىش- ئورۇنلاشتۇرۇش، مەھەللىدە تۈزەش، زەھەر تاشلىتىش- زەھەر چەكلەش، سەھىيە ـ پىلانلىق تۇغۇت ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر مۇلازىمىتى دېگەندەك خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كۆپ ساھەلەردە كەڭ تارقالغان.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى كەسپىي سەۋىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 331 مىڭ 800 ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %10 ئاشقان، بۇنىڭ بىلەن، يەنە بىر قېتىم تارىخىي رېكورت يارىتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر