باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تويلىشىش مۇناسىۋىتى ئىچىدە باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇش قاتارلىق قىلمىش سادىر قىلغان تەرەپنىڭ تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2017.06.19 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى دۇ ۋەنخۇا يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئائىلە ئىشلىرىنى سوت قىلىشتا ئەخلاقنى مەدھىيەلەپ، ياخشىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك، ئائىلە ئەخلاقى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوش تويلىشىش، ئائىلە زوراۋانلىقى، تويلىشىش مۇناسىۋىتى ئىچىدە باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇش، ئائىلە ئەزالىرىنى خورلاش ۋە تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئائىلىۋى ئەخلاققا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا قارىتا، دەۋالاشقۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپنى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلىپ، «سەۋەنلىكى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  دۇ ۋەنخۇا مۇنداق دېدى: ئائىلە ئىشلىرىنى سوت قىلىشتا ئەخلاقنى مەدھىيەلەپ، ياخشىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئۆرپ- ئادەتلەرنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك، ئائىلە ئەخلاقى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. سوتسىيالىستىك يېڭىچە ئائىلە مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىناق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇشىنى قوغداش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  دۇ ۋەنخۇا مۇنداق دېدى: ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەتنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلۈك تۈزۈمى ئاساسىدىكى ئورتاق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قوغداپ، ئائىلىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددى ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئائىلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سودا بىخەتەرلىكىنى قوغداش لازىم؛ تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىش ئەركىنلىكى ۋە ئائىلە مەسئۇلىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە ياشانغانلارنى بېقىشنى رەت قىلغان تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىش دېلولىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر