باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى

2017.06.19 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بويىچە، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۇ يىل 3-ئايدىن 5-ئايغىچە مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشتە، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 57 ئالاقىدار تارمىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا 10 ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى 10 ئۆلكە (شەھەر) نىڭ 36 شەھەر 65 ناھىيە (رايونى) غا ئەۋەتىپ، نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئاشكارا تەكشۈرۈش» تەپەككۇرى بويىچە، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا «ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشكە پىكىر بېرىمەن» مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىش ۋە تور يوللىرى ئارقىلىق ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئىگىلەش ئارقىلىق، مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنى توپلىدى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى ماددىلار بويىچە رەتلەپ، تولۇق بولمىغان يىپ ئۇچىنى ئىنكاس قىلغان ئاممىدىن تېلېفون ئارقىلىق چوڭقۇر ئىگىلىدۇق. دەسلەپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىنكى بارلىق مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئەۋەتكەن ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ نەق مەيداندا يەنىمۇ تەكشۈرىشىگە يوللاپ، ھەقىقەتەن مەسىلە كۆرۈلگەن جايلارنىڭ نەق مەيداندا ئۆزگەرتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق».

  نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش داۋامىدا، ھەرقايسى ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى كۈچنى مۇھىم مەزمۇنغا قارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازار سۇبيېكىتلىرى ۋە ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمەت زالى قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق جامائەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ، 170 مەيدان مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 297 كارخانىنى ئىختىيارىي زىيارەت قىلىپ، 1500 دىن ئارتۇق ئاممىنى يوقلاپ ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەرەپلەرنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى تولۇق ئاڭلىدى. ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر بايقالدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشى ۋە بىردەك ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، ئىسلاھاتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، بىراق مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھات سىياسىتى بەزى ئاساسىي قاتلاملاردا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەسلىك، قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق يانداش تەدبىرلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىسلاھات پايدىسىدىن سىجىل نەپ ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش. ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى يىغىنچاقلىغاندا، سەككىز جەھەتتىكى 28 ئورتاق مەسىلە ۋە 16 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)، گوۋۇيۈەننىڭ 30 تارمىقىغا چېتىلىدىغان 102 كونكرېت مەسىلە رەتلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر