باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىدى

2017.06.19 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى 16- سىنتەبېر، بانكا كېڭىشىنىڭ يېڭى بىر تۈركۈمدە ئۈچ مۇددىئا ئەزانىڭ تەشكىلاتقا كىرىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى، ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ 80گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  بۇ قېتىمقى تەستىقلانغان ئۈچ مۇددىئا ئەزا تونگا، ئارگېنتىنا ۋە ماداغاسقار بولۇپ، ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرىكتۈرۈپ، ئاسىيا ۋە باشقا رايونلارنىڭ تۇتۇشىشىنى كۈچەيتىشنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، يېڭى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي ئەزا بولغاندىن كېيىن رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ بويىچە، مۇددىئا ئەزالار ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىغا ئەزا بولۇشى تەستىقلانغاندىن كېيىن، يەنە ئۆز دۆلىتىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى تاماملاپ ھەم تۇنجى قېتىملىق كاپىتالنى بانكىغا ئامانەت قويغاندىن كېيىن رەسمىي ئەزا بولالايدۇ.

  2016-يىلىنىڭ بېشىدا، ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى قۇرۇلغاندا جەمئىي 57 قۇرغۇچى ئەزا بار ئىدى، بۇ يىل 3-ئايدا 13 يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىنغانلىقى جاكارلاندى، 5-ئايدا يەنە يەتتە مۇددىئا ئەزانىڭ تەشكىلاتقا كىرىشى تەستىقلىنىپ، ئەزالارنىڭ ئومۇمىي سانى 77گە كېڭەيدى.

  ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى 2-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنى 16-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە كورېيەنىڭ جېجۇ ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر