باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلىم-پەن ۋە گۈزەل سەنئەت دەرسلىكىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئەزەلدىن ئېلان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.06.14 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا توردىكى «ئىلىم-پەن ۋە گۈزەل سەنئەت دەرسلىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كىرگۈزۈلىدۇ» دېگەن بۇ يالغان خەۋەرگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 13- ئىيۇن ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ خەۋەرنى ئەزەلدىن ئېلان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ يالغان خەۋەرنىڭ توردىكى تېمىسى «مائارىپ مىنىستىرلىقى: گۈزەل سەنئەت دەرسلىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا كىرگۈزۈلىدۇ، 2017- يىلى كۈزدە رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.» بولۇپ، ئۇ توردا ئارقا-ئارقىدىن تارقىتىلغان. ئۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇنىڭدىن كېيىن بالىلارنىڭ يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۆرلەش، باشلانغۇچتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىشتە گۈزەل سەنئەت ئىمتىھانى بېرىشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىگە ئاساسلانغاندا، 2014- يىلى ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، 2017- يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا جۇڭگوچە زامانىۋى مائارىپ ئىمتىھانى ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش، ئومۇمىي باھا ۋە كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىش دېگەندەك يېڭىچە ئەندىزە شەكىللەنمەكتە. 2015- يىلدىن باشلاپ، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت دېگەندەك جەھەتلەردە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىدىغان تۈرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى بولسا، بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ۋە چەت ئەل تىلى دېگەندەك ئۈچ پەننىڭ نەتىجىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىدىكى ئۈچ پەن نەتىجىسىدىن تەركىب تاپقان. ئومۇمىي نەتىجىگە كىرگۈزۈلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ پەنلىرى، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپنىڭ تەلىپى ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىدىيە-سىياسىي، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە ۋە بىيولوگىيە دېگەندەك پەنلەر ئىچىدىن ئۆز ئالدىغا تاللىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر