باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىدىكەن

2017.06.15 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل كۈزدە تولۇق كۇرسقا تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر مەكتەپ 2017- يىلى تولۇق كۇرسقا تۇنجى قارارلىق 390 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ پىلان مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان 18 ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرگە چېتىلىدىكەن.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار مەكتىپىنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپى ۋە بىر قىسىم ئاسپىرانت مائارىپ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا قۇرۇلغان بىر ئالىي مەكتەپ. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ 2014-، 2015-، ۋە 2016- يىللىق پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس سىنىپلىرى ۋە 2015-، 2016-، 2017- يىللىق بىر قىسىم كەسىپلەرنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىرى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتىغا شۇ پېتىچە يۆتكەپ ئىلىپ كىرىلىدىكەن. جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتى ئەمدى تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايدىكەن.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى مەزكۇر مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تېخى تۇنجى نۆۋەتلىك ئىش ئىدىكەن. مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا قوشۇۋېتىلگەن تۆت ئىنستىتۇتقا بۇ قېتىم جەمئىي 390 نەپەر پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان ئىكەن، ھەمدە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇيدىغان كەسىپلىرى سىياسەتشۇناسلىق ۋە مەمۇرىيەتشۇناسلىق، ئىدىيەۋى-سىياسىي مائارىپ، خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى، ئىقتىسادشۇناسلىق، مالىيە باشقۇرۇش، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، ئىنگلىز تىلى دېگەندەك يەتتە كەسىپكە چېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭدىن 20 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرتى شۇكى، مۇشۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىشقا سان چۈشۈرۈلۈپ بېرىلگەن شۇ ھەرقايسى جايلاردىن، تولۇق كۇرسلارنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكىسىگە يېزىلغان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىدىن يۇقىرى بولغان، ھەمدە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھان بەرگەنلەر ئىچىدىن يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ تاللاپ قوبۇل قىلىدىكەن. ئارخىپقا كىرگۈزۈلگەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى نومۇرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە ئۇلارنى بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى (قوشۇمچە نومۇر بۇنىڭ سىرتىدا) بويىچە ھېسابلاپ تەرتىپكە تىزىدىكەن، قوبۇل قىلىشتا كەسپىي جەھەتتىكى دەرىجە پەرقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىكەن. ئىمتىھاننىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىدە تەڭلىشىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىنىشى تەرتىپ بويىچە تىل-ئەدەبىيات، چەتئەل تىلى، ماتېماتىكا ۋە ئۇنىۋېرسال ھېساب دېگەن تۈرلەردىكى نەتىجىلىرى بويىچە سېلىشتۇرۇلۇپ، مۇشۇ جەھەتلەردە يۇقىرى بولغانلىرى تاللىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر