باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدا توردا مەسلىھەت سوراش كېلەر ھەپتە باشلىنىدۇ

2017.06.14 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 13-ئىيۇن «2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا توردا مەسلىھەت سوراش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ 22-ئىيۇن «ئاشكارا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» ئۇچۇر سۇپىسىدا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىللىق توردا مەسلىھەت سوراش پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى 22-ئىيۇندىن 28-ئىيۇنغىچە، كۈندىلىك مەسلىھەت سوراش ۋاقتى سائەت توققۇزدىن 17گىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر، كۆپ ساندىكى ئۆلكە ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى مەسلىھەت سوراش ھەپتىلىكىدە توردا سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا گۈيجۇ، فۇجيەن، خېنەن، جياڭسۇ قاتارلىق قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەرمۇ «ئاشكارا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» ئۇچۇر سۇپىسىدا ئۆلكە، شەھەر بويىچە مەسلىھەت سوراش مەخسۇس مەيدانى ئۇيۇشتۇرىدۇ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى سۇپىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى «ئاشكارىلىق قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ۋە ۋاقىت ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، توردا مەسلىھەت بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر