باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بەش ئالىي مەكتەپ چوڭ تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى

2017.06.14 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بېيجىڭدىكى بەش ئۇنىۋېرسىتېت 13-ئىيۇن بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە بىرلەشمە مەسلىھەت بېرىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، چوڭ تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بەش ئالىي مەكتەپنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ يىل، بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ تەربىيەلەشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، باش مەكتەپتە ئىككى كەسىپ (يۆنىلىش) نى يېڭىدىن كۆپەيتتى، ۋېيخەي مەكتەپ رايونىدا تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنگە قوشۇمچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئىككى كەسپىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى. ئوقۇغۇچىلارنى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، كەسىپ (تۈر) ھالقىپ، قوش ئۇنۋان بويىچە ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نەتىجىسى يۇقىرىلار قاتارىغا تىزىلغان قىسمەن ئوقۇغۇچىلار كەسىپ ئالماشتۇرغان ۋە چوڭ تۈرلەرگە بۆلۈنگەندە، ئالدىن تاللاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. مەملىكەت بويىچە ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان 26 كەسىپ ئىچىدە بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 11 چوڭ تۈرى بولۇپ، «ئېتىبار بېرىشكە چەك قويماسلىق» كەسىپ ئۆزگەرتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، تەبىئىي پەن تەجرىبە سىنىپى، تېخنىكا پەنلىرى تەجرىبە سىنىپى قاتارلىق خاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرىنى ياراتتى. بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى سانلىق مەلۇماتلىق پەن-تېخنىكا بىلەن سانلىق مەلۇماتلىق تېخنىكا ۋە تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، كۆپ قىسىم كەسىپلەردە كەسىپ ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بېيجىڭ ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى 2017-يىلى بېيجىڭدا 40 كەسىپ بويىچە 260 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى، ئارخىپ چىقىرىش نىسبىتى %105 ئىچىدە بولۇپ، كەسىپ دەرىجە پەرقى ۋاقتىنچە 3،1،0 قىلىپ بېكىتىلدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان ۋە قوبۇل قىلىنغاندا، كەسىپكە كىرگەندە، بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ مەملىكەت خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىدۇ. بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل بىلەن ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كەسپىدىن ئىككىنى ۋە چوڭ تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرىدىن بىرنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، تەجرىبە سىنىپى قاتارلىق ئەۋزەل پەنلەرنىڭ بېيجىڭدا بازار تېپىش نىسبىتىنى سىجىل ساقلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر