باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن ئارمىيەنىڭ 1-ئاۋغۇست ئوردىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىندى ھەم تۇنجى قېتىم باھالاش ئۆتكۈزۈلدى

2017.06.13 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن ئارمىيەمىز 1-ئاۋغۇست ئوردىنىنى يېڭىدىن تەسىس قىلدى. ھەمدە تۇنجى قېتىملىق باھالاشقا تەشكىللىدى. يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان 1-ئاۋغۇست ئوردىنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قارار قىلغان، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى گۇۋاھنامىگە ئىمزا قويۇپ بېرىلىدىغان ئارمىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپ؛ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىغان؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان ئارمىيە خادىملىرىغا بېرىلىدۇ. يېقىندا ئازادلىق ئارمىيە ، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى رەسمىي قىسمىنىڭ رەسمىي كۆرسىتىشى ئارقىلىق دەسلەپكى نامزاتلار ۋۇجۇدقا چىقتى، ئارمىيە ئىچى ۋە سىرتىدا باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  1-ئاۋغۇست ئوردىنىنى باھالاپ تارقىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى تەدبىر كۆرسەتمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇ ئاساسلىقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەگە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقى، باتۇر قەھرىمانلار ۋە تىپىك ئۈلگىلەرنى يۇقىرى دەرىجىدە مۇكاپاتلاپ، ئارمىيەنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى ئاشۇرۇش، جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتۇش، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى باھالاش ۋە تارقىتىش خىزمىتىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا تۈپتىن ئەمەل قىلىنىدۇ؛ ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە جەڭگىۋارلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىنىدۇ؛ ئىلغارلىق ھەمدە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ؛ جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇش، ئۇرۇش مەشغۇلاتىنى تاماملاش قاتارلىق زور ۋەزىپىلەر، پەن تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ۋە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان قەھرىمان نەمۇنىچىلار تىپىك ۋەكىللىرى نۇقتىلىق تاللىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار باھالاشقا تەشكىللەشنى سىياسىي ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋاسىتىلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆرسىتىش ، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، ئېلان چىقىرىشقا تەشكىللەش، ئومۇميۈزلۈك باھالاش، تەستىقلاشقا سۇنۇشنى باسقۇچمۇ باسقۇچ يولغا قويۇپ، باھالاش جەريانىنى قەھرىمان نەمۇنىچىلار ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش لازىم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر