باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى» پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلدى

ئاپتونوم رايونىمىز 110 تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، پۇقرالارنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بۇغدا كۆلىدە ئۆتكۈزۈلدى

2017.06.12 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى» ھەم «5-نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە ھەپتىلىكى»نىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى قۇچۇ ئۇيغۇر ئىبادەتخانىسى خارابىلىكى مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تېمىسىدىكى 110 تۈردىن ئارتۇق مول مەزمۇندىكى پائالىيەتلەر بىرلىكتە قانات يايدۇرۇلۇپ، پۇقرالار پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئالاقىدار تارماقلار دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە قاراش مۇپەتتىشىگە تەكلىپنامە تارقىتىپ بەردى. شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا «جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى __ شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يۈرۈشلۈك كىتابلىرى» ۋە مەخسۇس فىلىمى سوۋغا قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر