باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇزۇن 9-نومۇرلۇق راكېتا جۇڭگونىڭ ئاي شارى بازىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ

2017.06.12 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئېغىر تىپلىق توشۇغۇچى راكېتاسى ئالدىنقى باسقۇچلۇق ھالقىلىق تېخنىكا ئۆتكىلى، لايىھەنى چوڭقۇر دەلىللەش باسقۇچىغا كىرگەن، ئۇنىڭغا ئۇزۇن سەپەر 9-نومۇر دەپ نام بېرىلىپ، 2028-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە تۇنجى ئۇچۇرۇلۇپ، كەلگۈسىدىكى ئادەملىك ئاي شارىغا چىقىش، ئاي شارى بازىسى قۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئېھتىياجنى قامدايدىكەن، ئېلىمىز كەلگۈسىدە يەنە تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان توشۇغۇچ قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇچۇش ئېغىرلىقى مىڭ توننىغا يېتىدىغان، ئوربىتىغا كىرىش ماسسىسى يۈز تونناژلىق راكېتا ئېغىر تىپلىق راكېتاغا تەۋە بولىدىكەن. ئېلىمىز ھازىر ئالدىنقى باسقۇچلۇق ھالقىلىق تېخنىكا ئۆتكىلىدە تۇرۇۋاتقان، لايىھەسى چوڭقۇر دەلىللىنىدىغان ئېغىر تىپلىق توشۇغۇچى راكېتاغا ئۇزۇن سەپەر 9-نومۇر دەپ نام بېرىدىكەن. ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئىتتىرىش كۈچىگە ئىگە ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانىڭ 25 تونناژلىق توشۇش ئىقتىدارىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇزۇن سەپەر 9-نومۇرنىڭ توشۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىدىكى توشۇش ئىقتىدارى 140 توننىغا يەتكۈزۈلىدىكەن. ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لى خوڭ مۇنداق دېدى: ئېغىر تىپلىق راكېتا-ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنىڭ بىر مۇھىم نامايەندىسى ۋە بەلگىسى، ھازىر دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە پىلانىغا ئاساسەن، بىز ئۆتكەلنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش باسقۇچىدىكى بىر قىسىم تېخنىكا تەتقىقاتىنى باشلاپ بولدۇق. ھازىر، ئېلىمىز ئېغىر تىپلىق راكېتانىڭ ئومۇمىي تېخنىكىسى ۋە لايىھەسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دىيامېتىرى ئون مېتىرغا يېتىدىغان چوڭ راكېتا قۇرۇلمىسىنىڭ 480 توننىلىق چوڭ ئىتتىرىش كۈچىگە ئىگە سۇيۇق ئوكسىگېنلىق كىرسىن يېقىلغۇ قىلىنىدىغان موتورى، 220 توننىلىق ئىتتىرىش كۈچىگە ئىگە ئوكسىگىدروگېنلىق موتورىنى لايىھەلەپ، ياساپ ۋە سىناق قىلماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، 480 توننىلىق سۇيۇق ئوكسىگېنلىق كىرسىن يېقىلغۇ قىلىنىدىغان موتوردا تۇنجى قېتىملىق ھاسىللىغۇچ-تۇربو پومپا بىرلەشمە سىنىقى تاماملىنىپ، كۆزلەنگەن مەقسەتكە يېتىلدى. راكېتانى 2028-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە قويۇپ بېرىش پىلانلاندى.

  لى خوڭ مۇنداق دېدى: 2030-يىلى تېخىمۇ چوڭ ئۈنۈملۈك ئېغىرلىق بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئېغىر تىپلىق راكېتادا ئاساسلىقى چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش نىشانلىنىپ، ئاي شارىنىڭ يۆتكىلىشچان ئوربېتىسىدا توشۇش ئىقتىدارى 50 توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، كەلگۈسىدە ئاي شارى بازىسى قۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئېھتىياج قاندۇرۇلىدۇ ھەم ئېلىمىزنىڭ مارس تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلىرىغا كۈچلۈك توشۇش سەھنىسى ھازىرلىنىدۇ.

  ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 1-تەتقىقات يۇرتى ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق راكېتانىڭ باش قوماندانى ۋاڭ جۆ مۇنداق دېدى: ئېغىر تىپلىق راكېتادىن كېيىن، بىز يەنە تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان توشۇغۇچ قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش تەننەرخىنى ئازايتىمىز. ئېلىمىز قانات يايدۇرۇۋاتقان ئېغىر تىپلىق راكېتانىڭ ئاساسلىق يۈرگۈزگۈچى كۈچى بىر تەرەپتىن ئادەملىك ئاي شارىغا چىقىشقا، يەنە بىر تەرەپتىن كەلگۈسىدە يەر شارى ئوربىتىسىدىن يىراق بولغان چوڭ كۆلەملىك چوڭقۇر بوشلۇق تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يېقىنقى مەزگىلدە بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان توشۇغۇچى راكېتا يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشىنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى بولىدۇ، كەلگۈسىدە يەنە ئالەم ئايروپىلانى، تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان توشۇغۇچ قاتارلىقلار كېلەچەكتىكى ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئايلىنىدۇ، لېكىن ھازىر يەنىلا ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر