- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيا ئاشلىق پىلانى مەھكىمىسى جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا ئاشلىق ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى
2017.06.09 14:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نايروبى خەۋىرى: ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 7- ئىيۇن كېنىيە كاكۇما مۇساپىرلار لاگېرىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياردەم قىلىپ بەرگەن 9000 توننا كۆممىقوناق ۋە ئاق قوناقنى قوبۇل قىلغان. بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان كېنىيە، سومالى ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامما ۋە مۇساپىرلارغا ئاشلىق ياردىمى بىلەن تەمىنلەش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلىنىدىكەن. ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى كېنىيە خەلقئارا دۆلەت ۋەكىلى ئەننائىسا كۇندت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەردلىك بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ھەمدە مۇساپىرلار مەسىلىسى جەھەتتە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.
كۇندت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن بۇ قۇتقۇزۇش ئاشلىقى دادائاب ۋە كاكۇما مۇساپىرلار لاگېرىدىكى 420 مىڭ مۇساپىر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بۇ مۇساپىرلار دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى تەمىنلىگەن ئاشلىققا ئېرىشىشكەندىن باشقا، ئاشلىققا ئېرىشىشتە ئۇلارنىڭ باشقا ئامالى يوق، ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ياردەملەرگە ئېرىشىشى مۇساپىرلارنىڭ ئاشلىققا ئېرىشىشىگە ياردىمى زور بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر