باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.06.08 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ھەق تۆۋەنلىتىش يېڭى تەدبىرىنى يولغا قويۇش قارار قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى پۈتۈن بىر يىلدا 1 تىرىللىئون يۈەن يەڭگىللىتىش ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈش؛ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ «پىدائىيلار مۇلازىمىتى نىزامى (دەسلەپكى لايىھە)» نى ماقۇللاش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كارخانىلارنڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش-تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ رىقابەتتىكى يېڭى ئۈستۈنلىكىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بۇ يىل يولغا قويۇلغان تۆت تۈركۈمدىكى 718 مىليارد يۈەن باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ئاساسىدا، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بىرىنچىدىن، قۇرۇلۇش ساھەسى قۇرۇلۇش سۈپىتى كاپالەت پۇلى قالدۇق نىسبىتى يۇقىرى چېكىنى %5 تىن %3 كە تۆۋەنلىتىش؛ ئىككىنچىدىن، ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ باجدىن باشقا كىرىمى ۋە قوشۇمچە توك باھاسىنى ئېنىقلاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش مەخسۇس مەبلىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فوندى ۋە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى رايونلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىنى كېيىنكى مەزگىللىك يۆلەش فوندىنى يىغىش ئۆلچىمىنى %25 تۆۋەنلىتىش. ئۈچىنچىدىن، تېلېگراف تورى نومۇر بايلىقىنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش ھەققى، دېھقانچىلىق دورىلىرى تەجرىبە خىراجىتى، ج خ تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار كىنىشكا ھەققى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش. تۆتىنچىدىن، بانكا كەسپى ۋە سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىنى ۋاقتىنچە كەچۈرۈم قىلىش. يۇقىرىدىكى يېڭى تەدبىرلەرنى قوللانغاندا، ھەر يىلى يەنە كارخانىلارنىڭ تەخمىنەن 283 مىليارد يۈەن يۈكى يەڭگىللىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكى پۈتۈن يىلدا 1 تىرىللىئون يۈەن يەڭگىللىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەڭگىللىتىلگەن ھەق %60 تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى تولۇق ۋە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە كارخانىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. كېيىنكى باسقۇچتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند، ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى بويىچە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت مۇلازىمىتى خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش، مالىيە ياردەم پۇلى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھەق ئېلىش مۇندەرىجە تىزىملىكى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مەسئۇل تارماقلىرى مەركەز ۋە جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندى ۋە مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش مۇندەرىجە تىزىملىكىنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن توردا ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە «بىر تور» بولۇشتەك جانلىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى مەنبەدىن تۈزەپ، «ئورۇقلاش» تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر