باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو (شىنجاڭ) – روسىيە - ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا تېلېۋىزىيە ئورتاق گەۋدىسى رەسمىي قۇرۇلدى

2017.06.09 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇن، 2017-يىللىق ھۆججەتلىك فىلىم خەلقئارا مۇنبىرى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن تاراتقۇ ۋەكىللىرىدىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى، پاكىستان PTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، قازاقىستان خەۋەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق توققۇز تېلېۋىزىيە تاراتقۇسى يىغىنغا قاتناشتى. مۇنبەردە تاراتقۇلارنىڭ رايون بويىچە ئالاقە ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان جۇڭگو (شىنجاڭ)- رۇسىيە- ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا تېلېۋىزىيە ئورتاق گەۋدىسى رەسمىي قۇرۇلدى.

  جۇڭگو شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، جۇڭگو (شىنجاڭ)- رۇسىيە- ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا تېلېۋىزىيە ئورتاق گەۋدىسى رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ، جۇڭگو (شىنجاڭ) بىلەن رۇسىيە، ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە تاراتقۇ ئىتتىپاقى بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى، پاكىستان PTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، قازاقىستان خەۋەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر