باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سابىرجان ئەر-ئايالنىڭ مىننەتدارلىق سەپىرى

2017.06.09 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى؛ بۇندىن ئالتە يىل ئىلگىرى، بىر كۈتۈلمىگەن قارا خەۋەر. يەنى، ئۆيى بىڭتۈەن 6- شىسىنىڭ ئوتۇنكوزا (ۋۇجياچۈ) شەھىرى باغۋەنچىلىك مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق قازاق يىگىتى سابىرجان سەمىخانغا "سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى"گە گىرىپتار بولغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭغا ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەندەك بىلىنگەن. غايەت زور سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. شەنشى ئۆلكىسى خەنچېڭ شەھىرىدىكى خۇسۇسىي كارخانىچى گو جىڭشەن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان سابىرجانغا سېخىلىق بىلەن 500 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان. بۇ ئىئانە سابىرجانغا ھاياتلىق ئۈمىدى ئېلىپ كەلگەن. ئالتە يىلدىن كېيىن، ئوڭۇشلۇق ھالدا بۆرەك ئالماشتۇرغان سابىرجان ئايالىنى ئېلىپ، ئۆيىدىن 2500 كىلومېتىر يىراقتىكى شەنشى ئۆلكىسىگە بېرىپ، شەپقەتچىسىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  ۋۇجياچۈ بىلەن خەنچېڭ، گەرچە ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، بىراق ئادىمىيلىك خىسلەت ئىككى شەھەرنى بىر-بىرىگە زىچ باغلىدى.

  «ئۇ ماڭا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق بەردى.»

  24-ماي سەھەر سائەت ئۈچتە، سابىرجان بىلەن ئايالى چولپان مۇبارەك بىر قانچە چوڭ چاماداننى سۆرەپ، ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن چىقىپ كەلدى. سابىرجان ئايالىدىن قايتا سورىدى: «گو تاغامغا بېرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئالغانسىز؟»

  -ئالدىم، ئالدىم. مىللىيچە كىيىم، يەنە قوي گۆشى ۋە تېتىتقۇلارنىڭ ھەممىسى بار، مەن ئۈچ قېتىم تەكشۈردۈم.- چولپان كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇردى. ئۇ يولدىشىنىڭ ناھايىتى ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، سابىرجان ھەتتا ئازراق جىددىيلىشىۋاتاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ تويىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يىراق سەپەرگە چىقىشى ئىدى. يەنە كېلىپ، شەنشىگە ئۆزى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان شەپقەتچىسى گو جىڭشەن ئەپەندىمنى كۆرگىلى بارماقچى ئىدى. سابىرجاننى دېمەيلا قويايلى، ھەتتا چولپانمۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن بىر كېچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى.

  چولپان يولدىشى سابىرجاننىڭ قەلبىدە گو جىڭشەن ئەپەندىمنىڭ ۋەزنىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

  سابىرجان 19 يېشىدا "سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى"گە گىرىپتار بولغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، "خىمىيىلىك داۋالاش" ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ قالغان. ئۇنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى زىيادە يۇقىرى بولغان داۋالاش خىراجىتى ئىدى.

  -ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم خىمىيىلىك داۋالىناتتىم، بىر قېتىملىق داۋالاشقا 1500 يۈەن كېتەتتى. ئۆيۈمنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، مەن ھەتتا داۋالاشتىن ۋاز كېچىش قارارىغىمۇ كەلگەن ئىدىم.- سابىرجان شۇنداق دېدى.

  شۇ ۋاقىتتا، شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان گو جىڭشەن تاساددىپى ھالدا بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ بالىنىڭ داۋالىنىشىغا كېتىدىغان 500 مىڭ يۈەننى مەن بېرەي.»

  سابىرجان خۇشلۇقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالىدۇ. ئۇ، ئەزەلدىن ئۆزى تونىمايدىغان بىر ئادەمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. سابىرجان ھاياجانلانغان ھالدا، مۇنداق دېدى: «ئۇ ماڭا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق بەردى!»

  شۇنىڭدىن كېيىن، گو جىڭشەن ئىزچىل ھالدا سابىرجاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردى. سابىرجان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، گو جىڭشەن ئۆزىنىڭ شەپقەتچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ بىر تۇغقىنى ئىدى. ھەر قېتىملىق خىمىيىلىك داۋالاشتا ئاغرىق ھېس قىلغىنىدا، ئۇ گو تاغىسىنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنى ئېسىگە ئالاتتى: «سېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاشنى داۋاملاشتۇر!»

  ئۈچ سائەتلىك ئايروپىلان، ئۈچ سائەتلىك نۆۋەتچى ئاپتوبۇس ۋە نەچچە ئالمىشىش ئارقىلىق، سابىرجان شەنشى ئۆلكىسى خۇاڭلىڭ ناھىيەسى دىيەنتۇ بازىرى خۇڭشىن كۆمۈر كېنىغا يېتىپ كەلدى. بۇ گو جىڭشەن خىزمەت قىلىدىغان يەر ئىدى.

  سابىرجاننى كۆرگەن گو جىڭشەن يۈگۈرگىنىچە يېتىپ كەلدى ۋە سابىرجاننى چىڭ قۇچاقلاپ، كۆزلىرىدىن چىققان ياشلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى. «بالام، ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ؟ ئەمدىلا دوختۇرخانىدىن چىققان تۇرۇقلۇق، نېمە دەپ ئۇزۇن سەپەرگە چىقتىڭ؟ ئەگەر يارا ئېغىزىغا دەخلىسى يەتسە قانداق قىلىسەن؟» گو جىڭشەن شۇنداق دېگىنىچە، ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدى.

  گوجىڭشەن سابىرجاننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، ئۇنى كىچىك بالىلارغا ئوخشاش قولىدىن يېتىلەپ ئۆيگە ئېلىپ كىردى. سابىرجان كۆزىگە ياش ئالغىنىچە، مۇنداق دېدى: «ئالتە يىلدىن بۇيان، مەن سىزنى كۆرۈپ باقمىدىم، سىزگە يۈزمۇيۈز رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئويلاپ كەلگەن ئىشىم ئىدى.»

  - بالام، بۇنداق دېسەڭ قانداق بولىدۇ؟ نەچچە يىل بولدى، سەن مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ بالىسىغا ئوخشاش، سېنىڭ سالامەت تۇرۇشۇڭ مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم. - گو جىڭشەن شۇنداق دېدى.

  گو جىڭشەننىڭ ھازىرغىچە جاپا تارتىپ ئىشلەۋاتقىنىنى، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭمۇ ئاددى زىننەتلەنگەن ئۆي ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، سابىرجاننىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى. ئۇ، ئۆزىگە 500 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان بۇ كارخانىچىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بۇنچە ئاددى-ساددا ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  -مەن گو تاغامنى ناھايىتى باي، شۇڭا ماڭا ياردەم قىلغان، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئۇنىڭمۇ تۇرمۇشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆردۈم. مەن بۇندىن كېيىن چوقۇم تىرىشىپ ئىشلەپ، پۇل تېپىپ، ئۇ ياشانغاندا ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن. - سابىرجان شۇنداق دېدى.

  گو جىڭشەن يېزىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىمەن. كىچىك چېغىمدا ئائىلىمىز نامرات ئىدى، نامراتلىقتىن مەكتەپكىمۇ كىرەلمىگەنتىم. ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ۋە تۇغقانلىرىم مېنى ئوقۇتتى، ساپالىق قىلدى، كېيىن ئىگىلىك تىكلىدىم. بېشىدا زىيان تارتىپ پۇل تاپالمىدىم، كېيىن ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر ئۇچراپ، ماڭا ئەقىل كۆرسەتتى، ئىقتىساد بىلەن يۆلىدى، شۇنىڭ بىلەن، بۈگۈنكى كۈنۈم بار بولدى. شۇڭا مەن ‹بۇ ھاياتىمدا چوقۇم جەمئىيەتكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمەن.› دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەنىدىم».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر