باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى
نۇرغۇن جايلار ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىتنى ئېلان قىلدى

2017.06.09 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدىغان ۋاقتىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، سىچۈەن، ئەنخۇي، ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، خېنەن، خۇنەن، چىڭخەي قاتارلىق جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىتنى ئېلان قىلغان.

  يۇقىرىقى ئۆلكىلەر ئىچىدە، سىچۈەننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدىغان ۋاقتى ئەڭ بالدۇر بولۇپ، 22-ئىيۇن كەچ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە نومۇر چېكى بۆلىكى ئېلان قىلىنىدىكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى سىچۈەن ئۆلكىسى بۇلتۇرمۇ ئوخشاش كۈندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان ۋە مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلغان تۆت ئۆلكىنىڭ بىرى بولغان.

  سىچۈەن ئۆلكىسىدىن باشقا يەنە، ئەنخۇي، ئىچكى موڭغۇل، جىلىن قاتارلىق جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى 23-ئىيۇن ئېلان قىلىدىكەن؛ خېنەن 25-ئىيۇن سائەت نۆلدە ئېلان قىلىدىكەن؛ چىڭخەي 30-ئىيۇندىن بۇرۇن ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى توردا ئارزۇ تولدۇرۇشقا تەشكىللەيدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىقى ئۆلكىلەر ئىچىدە، نۇرغۇن ئۆلكە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش خىزمەت ۋاقتىنى ئېلان قىلغان. خۇنەن ئۆلكىسىنى مىسالغا ئالغاندا، 12-ئىيۇندىن باشلاپ ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرىدىكەن، 26-ئىيۇن جەمئىيەتكە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8-ئىيۇل باشلىنىپ، 20-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر