باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرى تەرەققىياتىغا كۆرسەتمە»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.06.09 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرى تەرەققىياتىغا كۆرسەتمە»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتىغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «كۆرسەتمە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ھۆكۈمەت تور بېكىتى تەسىس قىلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر ئورۇن ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر تور بېكەت تەسىس قىلىدۇ، يېزا- بازار، كوچا باشقارما ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئايرىم تور بېكەت تەسىس قىلمايدۇ.

  «كۆرسەتمە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تور بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق تەلەپلەرگە ئاساسەن، تور بىخەتەرلىكىنى دەرىجە بويىچە قوغداش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بىخەتەرلىك كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، بۆسۈپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەركەتلىرى ھەمدە ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، تور بېكەتنىڭ مۇقىم، ئىشەنچلىك، بىخەتەر يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر